«ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى تور بېتى تاقىلىپ قالغان

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى تور بېتى تاقىلىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، تور بەت 19-يانۋاردىن باشلاپ ئېچىلمىغان.

بەزى گۇمانلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇرسوفت» مۇنبىرىدە يېڭى نەشر قىلىنغان «قۇرئانى كەرىم» ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلگەن ۋە «قۇرئانى كەرىم» نىڭ يېڭى نەشرىدە سادىر بولغان بەزى مەسىلىلەر تەنقىد قىلىنغان بولغاچقا، «ئۇيغۇرسوفت» تور بېتى تاقىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرسوفت تورىنى (www.uighursoft.com) بۈگۈن قايتا سىناپ باققان بولساقمۇ، يەنە ئېچىلمىدى.

«ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئالىم ئەخەت تەرىپىدىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرى بەرپا قىلىنغان.

مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھېلىھەم قوشۇۋاتقان مىللىي شىركەتلەرنىڭ بىر ئىدى.

شىركەت تورىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالغانلىقى ۋە ياكى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تاقاپ قويۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.