ئوبامانى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئۆزبېك پۇقراسى 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكا سوت دائىرىلىرى پرېزىدېنت ئوبامانى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ قولغا چۈشكەن ئۆزبېك پۇقراسى ئۈستىدىن 13 - ئىيۇل سوت ئېچىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.


بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئۇلۇغبەگ قادىروف سودىگەر سىياقىدىكى بىر مەخپىي ئالاھىدە خادىمىدىن قورال - ياراق ۋە پارتلاتقۇچىلارنى سېتىۋالماقچى بولغاندا 2011 - يىلى 13 - ئىيۇل ئالاباما شتاتىدىكى بىر مېھمانخانىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

سوت ھۆكۈمىگە قارىغاندا، قادىروف ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئۆزبېكىستاندىكى «ئۆزبېك ئىسلامى ھەرىكىتى» نىڭ خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە ئۆزىنى «ئەمىر» دەپ ئاتايدىغان بىرىدىن ئوبامانى ئولتۇرۇش بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىكەن.

سوت دائىرىلىرى قادىروفنىڭ تېررورچىلىقنى ماددىي ماتېرىيال بىلەن قوللاش، پرېزىدېنتى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، قانۇنسىز قورال ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى دەللەنگەن.

قادىروف 2009 - ئامېرىكىغا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كىرگەن، مەكتەپكە بارمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋىزىسى 2010 - بىكار قىلىنغان ۋە شۇندىن كېيىن ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قادىروف ئۇزۇنغا قالماي ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلۇپ، جازا مۇددىتىنى ئۆزبېكىستاندا ئۆتەيدىكەن.

«ئۆزبېكىستان ئىسلامى ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تېررورچى تەشكىلات» دەپ ئەنگە ئېلىنغان تەشكىلات ئىدى.