تاجىكىستان تەبىئىي گاز يېقىلغۇسى جەھەتتە ئۆزبېكىستانغا تايىنىدىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئۇزۇندىن بۇيان تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىدى.
تاشكەنتنىڭ تاجىكىستاننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى تاجىكىستان ئاھالىسىلا ئۈچۈن قىيىنچىلىق تۇغدۇرغاندىن تاشقىرى ھەتتا بىر قىسىم زاۋۇت - فابرىكىلار ئىشتىن توختا قېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. تاجىكىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم زاۋۇت - فابرىكىلىرى ئۆزبېك گازىنى يېقىلغۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قالغان. نۆۋەتتە تاجىكىستان بۇ خىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر قىسىم زاۋۇت - فابرىكىلىرىنىڭ يېقىلغۇسىغا كۆمۈر ئىشلىتىشكە كىرىشكەن ھەمدە خىتاي بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ كۆپلەپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇ ئەھۋال ئۆزبېكىستاننىڭ سۇ مەنبەلىرى ئۈچۈن زىيانلىق بولغان.