ئۆزبېكىستان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىگنالى بەردى

رامازان مناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى رامازان بىلەن تەبرىكلىدى. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ تۈركىيە زامان گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ كەرىموفنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش سىگنالىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر تەبرىكنامە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيىدىكى باش ئەلچىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. باش ئەلچى سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان قەرىنداش دۆلەت، ئۇلار ئەبەدىي بىر - بىرىنى قوللايدۇ،دېگەن.


مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ئىسلام كەرىموفنىڭ رەقىبى، ئۆكتىچى رەھبەر مۇھەممەد سالىخ ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ، تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن بۇزۇلغان. تۈركىيە تاشكەنتنىڭ مۇھەممەد سالىخنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى. نەتىجىدە كەرىموف تۈركىيىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى توختاتقان. ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىشنى رەت قىلغان ھەمدە تۈركىيە سودىگەرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان تاشكەنت قايتىدىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىشقا كىرىشكەن ئىدى.