ئۆزبېكىستان چەتئەللەرنىڭ ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە ھەربىي بازا قۇرۇشىنى چەكلىمەكچى

يەرلىك ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان نۆۋەتتە چەتئەللەرنىڭ ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە ھەربىي بازا قۇرۇشىنى چەكلەش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.


مەلۇم بولۇشىچە، چەكلەش چارىسىنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تۆۋەن پالاتادا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

2005 - يىلىدىكى «ئەنجان پاجىئەسى» دىن كېيىن ئامېرىكا - ئۆزبېك مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بولۇپ، بۇ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاش بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا - ئۆزبېك مۇناسىۋەتلىرى بىر ئاز يۇمشاشقا باشلىغان بولغاچقا، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى قايتا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك چەكلەش چارىسى رەسمىي ماقۇللانسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بازا قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدىكەن.

ئەمما، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئۆزبېكىستاننىڭ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئۈزۈپ قويمايدىغانلىقى، ھەتتا ئامېرىكا 2014 - يىلى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان تەۋەلىكىدە بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.