ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋاتىكاندىن سېتىۋالغان مەخپىي ئارخىپلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارمۇ بار ئىكەن

ئەزەربەيجان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ 9 - دېكابىردىكى خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەرنى ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى قەدىمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەققاسلاش ئىدارىسى ۋاتىكان دۆلەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەر ئارخىپىدىن 7 - دېكابىر سېتىۋالغان.

ھۆججەت 1مىڭ بەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تارىخىي دىپلوماتىك ئالاقىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ئالكبارلى ھۆججەتلەرنىڭ بىر نەچچە تىلدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: بۇلارنىڭ ئارىسىدا موڭغۇلچە، تۈركچە، قەدىمىي ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، لاتىنچە ۋە ئىتالىيىچە ھۆججەتلەر بار. بۇلارنى تەتقىق قىلماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بەلكىم بىر نەچچە يىللار كېتىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلار ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە مەخپىي ھۆججەتلەر بولۇپ، تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى تاماملىغاندىن كېيىن نەشر قىلىنىدىكەن.