ۋېتناملىقلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

1 - ئىيۇل كۈنى ۋېتنام پايتەختى خانويدا 200 دىن ئارتۇق ئادەم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى نامايىشچىلار تۈرلۈك خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ خانويدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلدى. مۇنداق خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى جىددىيلەشكەندىن كېيىن داۋاملىق يۈزبەرگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا سەۋەب بولغان ئامىل، خىتاي ئوكيان نېفىت باش شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش تارتىش ئۈستىدە بولۇۋاتقان دېڭىز رايونلىرىدا چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە نېفىت قىدىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ مۇنداق تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى دېڭىز رايونىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئېچىشنى قارار قىلىشىغا نىسبەتەن ۋېتنام تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ۋېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.