9 - دېكابىر كۈنى ۋېتنامنىڭ خانوي ۋە جەنۇبىدىكى خۇجىمىن شەھىرىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 200 دىن ئارتۇق ۋېتناملىق خانويدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق، نامايىش تېزدىن تىنجىتىلىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ كۈنى ۋېتنامنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر خۇجىمىن شەھىرىدىمۇ كۆلىمى كىچىكرەك نامايىش يۈزبەرگەن بولۇپ، ئەمما بۇ, خۇجىمىن شەھىرىدىكى خىتايغا قارشى تۇنجى نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.
خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى خانويدا ئىلگىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن، بىراق ۋيېتنام ھۆكۈمىتى ئاراللار مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىدا بولماقتا. يېقىندا خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئاراللارنى ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن پاسپورت چىقارغان ئىدى.