بۇنىڭغا قارىتا تۈنۈگۈن ۋېيتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مەزكۇر پىلاندىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. باياناتتا ئەگەر خىتاي مەزكۇر پىلاندىن ۋاز كەچمىسە تاقىم ئاراللار ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
جەنۇبى دېڭىزدىكى Paracels ۋە Spratlys تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خىتاي، ۋېيتنام، فىلىپىن، برۇنىي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ ئاراللاردا زور مىقداردا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ بايقىلىشى تەرەپلەرنىڭ مەزكۇر ئاراللارغا قارىتا ئىگىدارچىلىق ئىشتىھاسىنى كۈچەيتمەكتە.
ۋېيتنامنىڭ نارازىلىقىغا خىتاي بۈگۈن جاۋاب قايتۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋېيتنامنىڭ نارازىلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ۋېيتنام ئۆتكەن ئايدا رۇسىيىدىن يېڭى تىپتىكى قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختام ئىمزالىغان. كۆزەتكۈچىلەر ۋېيتنامنىڭ بۇ قېتىمقى قورال سېتىۋېلىش پىلانىنى تاقىم ئاراللار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى تەييارلىق دەپ قارىماقتا.