گېرمانىيىنىڭ «ۋولكسۋاگەن» ماركىلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ 50‏-شۆبىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلماقچى

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيىدە، باش مىنىستىر ئانگىلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ بىرى، گېرمانىيىنىڭ «ۋولكسۋاگەن» ماركىلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ 50‏-شۆبىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كېلىشىمدۇر.

گېرمانىيە بۇ كېلىشىم ئۈچۈن 240 مىليون ئويرو مەبلەغ سالماقچى.

رويترس ئاگېنتلىقى، «ۋولكسۋاگەن» ماركىلىق ئاپتوموبىل خىتايدا ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل، ئۇنىڭ شۆبە زاۋۇتى 2013‏-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدۇ، بۇ، گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر ماشىنىسازلىق سانائەت ساھەسى تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قۇرىدىغان تۇنجى چوڭ زاۋۇت دەپ تەسۋىرلىدى.