رادىئومىز ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىسى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكى خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى دەپ بايان قىلغان ئىدى.
ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىدە ھازىر مىڭدەك ئۇيغۇر ياشايدۇ. ياپونىيىدە يەنە 2008-يىلى قۇرۇلغان ياپونىيە-ئۇيغۇر جەمئىيىتى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە ئەمدى 1930-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بىرلىشىپ ئاغدۇرغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر گېنېرالى مەخمۇت مۇھىتى ياپونىيىگە كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان دەۋردىكى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى.