ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

19 - سېنتەبىر، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئېستونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇللارغا قاراتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ خىتابنامە ئېلان قىلدى.

خىتاپنامىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇللارغا قاراتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىگە ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش تۇيغۇسى قوزغاش ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان.

بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئېلان قىلغان خىتاپنامىدا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت قاتارلىق رايونلارغا قاراتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا قىستاشقا چاقىرىلغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان دىپلوماتىك دىئالوگلاردا نوپۇس يۆتكەش مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپى بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان ۋە يېپىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.

خىتاپنامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 2009 - يىلى يەنە، نۆۋەتتىكى نوپۇس يۆتكەش شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەمدە نوپۇس يۆتكەشكە تاقابىل تۇرۇشتا يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاشنى مەقسەت قىلغان شۇنداق شەكىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.