رابىيە قادىر خانىم "ۋال سترت ژورنىلى"دا ماقالە ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان داڭلىق ژۇرنال "ۋال سىترت ژورنىلى"دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.08.05

ئۇيغۇر يازغۇچىلار جىمىقتۇرۇلماقتا دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىدە رابىيە قادىر خانىم، يېقىندىن بېرى قولغا ئېلىنغان ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق تور ساھىبلىرىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىش ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىمقتۇرۇش سىياسىتىنى ئەزەلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇلغېنى مەمەتئىمىن، نۇرمەمەت ياسىن، گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۈگۈن تۈرمىلەردە رىيازەت چېكىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىمىقتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۈزلۈكسز خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت خەپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش" دەيدىغان ئۇقۇملارنى سۇيئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇپ جازالاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر خەلقئارا بېسىم بولمىغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈنى تارىخقا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.