ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۇرگۇزۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە تەيىنلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە كۆپ توختالغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 3 - ئىيۇندىكى سانىدا بېرىلگەن بولۇپ،ۋاڭ لېچۈەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى پارلاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالمىغان.

ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا، سىنا قاتارلىق خەۋەر تورلىرى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، "جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا 1990 - يىلدىن 2003 - يىلغىچە جەمئىي 591 بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تارمار قىلىپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ 10 يىلغا قەدەر داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى" دېگەن ئىدى.

2009 - يىلى 5 - ماي ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ بىر سوتچىسى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغان جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ ئاتىغان سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنمۇ بار بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ۋاڭ لېچۈەننى " ئىككى قولى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا بويالغان جاللات " دەپ ئاتىغان ئىدى.