شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە 16 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن 24 - ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن تەيىنلەنگەن ئىدى.
يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشيەن بىڭتۇەننىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.