خىتاي تىلىدا تارقىتىلىدىغان "بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئاپتورلىرى يازغان ئىنكاس ماقالىلىرىنىڭ بىرىدە ۋاڭ لېچۇئەننىڭ شىنجاڭدىكى 16 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خەنزۇلارنىڭمۇ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ " ئۈچ خىل كۈچكە" زەربە بېرىش شوئارى ئاستىدا زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللىنىش نەتىجىسىدە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك ۋە ئايرىمىچىلىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمى 25 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ۋاڭ لېچۇئەننى خىزمىتىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇشىنىڭ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ رايونىغا نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ئىنكاسچىلىرى، ۋاڭ لېچۇئەننى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگۈچى، جاڭ چۈنشەننى مۆتىدىل يول تۇتقۇچى، دەپ پەرەز قىلىشقان. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ب ب س ۋە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلارنى يۆتكىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ھامان زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىنپاۋ گېزىتىدىكى ئانالىزدا بولسا، ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن نۇر بەكرى قاتارلىق باشقا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.
ئۆتكەن يىلى، 9 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايلارنىڭ نامايىشىدا ۋاڭ لېچۇئەننى تەختتىن چۈشۈرۈش شوئارى توۋلانغان، ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى لى جى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.