مەلۇم بولۇشىچە، چۇڭچىڭ جياڭجىن رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى گۇەن خەيشياڭ ۋاڭ لىجۈننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن.
ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋە ساقچى باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە چوڭچىدىكى تەشكىللىك جىنايى گۇرۇھلارغا ئېغىر زەر بېرىپ نام چىقارغان. ۋاڭ لىجۈن يەنە چۇڭچىڭنىڭ شەھەر باشلىقى ھەمدە خىتايدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئەرباب بۆ شىلەينىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلەشكە ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
