خىتاي دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈننى مەخپىي سوتلىدى

چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان باشلىقى ۋاڭ لىجۈن 13-ئاۋغۇست كۈنى چېڭدۇ ئوتتۇرا خەلق سوتى تەرىپىدىن مەخپىي سوتلىنىشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈننىڭ دېلوسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، سوت تەرتىپلىرىنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مەتبۇئاتلارغا سوت ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىق، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ۋاڭ لىجۈننىڭ « دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش » ھەم « دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى دەپ قارالغان ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيىۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى بىلگىنى ئۈچۈن، بو شىلەينىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا كونسۇلىدىن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئارقىدىنلا ۋاڭ لىجۈننىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

15-مارت كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يەنە چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينى ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيىۋۇدنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئالغان ئىدى. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى گۇ كەيلەي ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە بو شىلەينىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى قىياسلار خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.