خىتاي دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈننىڭ دېلوسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، سوت تەرتىپلىرىنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مەتبۇئاتلارغا سوت ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىق، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ۋاڭ لىجۈننىڭ « دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش » ھەم « دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ يىل 2-ئايدا، ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى دەپ قارالغان ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيىۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى بىلگىنى ئۈچۈن، بو شىلەينىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا كونسۇلىدىن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئارقىدىنلا ۋاڭ لىجۈننىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.
15-مارت كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يەنە چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينى ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيىۋۇدنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئالغان ئىدى. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى گۇ كەيلەي ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە بو شىلەينىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى قىياسلار خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا.
