گو ۋېيگو، لى ياڭ، ۋاڭ پېڭفېي، ۋاڭ جى قاتارلىقلار ۋاڭ لىجۈننىڭ يېقىنلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋودېنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋۇدنىڭ ئۆلۈم دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، گۇ كەيلەينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى يوشۇرغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، گو ۋېيگوغا 11 يىللىق، لى ياڭغا 7 يىللىق، ۋاڭ پېڭفېي ۋە ۋاڭ جىغا5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
20-ئاۋغۇست ئوخشاش بىر كۈندە بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋۇدنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىش جەريانىدا بۇ سەتچىلىكنى ئاشكارىلىغان سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ھەققىدىكى ھۆكۈم تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈن دىلوسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋاڭ لىجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.