ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا پاناھلىق تىلەپ كىرىۋالغان ئىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19-سېنتەبىر ئاشكارىلىشىچە، چۇڭچىڭنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ئەسلىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا پاناھلىق تىلەپ كىرىۋالغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لىجۈن بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى نەيل ھەيۋۇدنى قەستلەپ ئولتۇرۇش جىنايىتىنى يوشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان ۋە ئاخىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا باش ئۇرغان ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋاڭ لىجۈن پاناھلىقنى يازمىچە ماتېرىيال تاپشۇرۇپ تىلىگەن، ئەمما بۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 6-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى ۋاڭنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن بو شىلەي تەختىن غۇلاپ چۈشكەن، گۇ كەيلەي ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 18-سېنتەبىر ۋاڭ لىجۈن ئۇستىدىن سوت ئاچقان ۋە ئۇنى «ئاسىيلىق قىلىش»، «ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.