ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 22 - دېكابىر يىغىنى توغرىسىدا توختالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئالدىنقى كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى 4 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىللىققا تەرغىپ قىلىدىغان يىغىلىشقا چاقىرىش مەزمۇنىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى، يىغىلىش بىر چوڭ زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىلىشقا ھېچكىمنىڭ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزلەرنى خوڭكوڭدىكى كومپارتىيەپەرەس گېزىتلەرنىڭ بىرى" داگۇڭباۋ" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، لېكىن ئۇ ۋەقەنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى، يىغىلىشنى كىملەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقى، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى قاتارلىق تەپسىلى دېتاللارنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ياكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرىدا ھازىرغا قەدەر بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن ئىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئاشكارىلىغان ۋەقە بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2008 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا چاقىرغان "21 ‏ - دېكابىر ۋەقەسى" نىڭ مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس.

"شىنجاڭ " ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن 21 ‏ - دېكابىردىكى شۇ ۋەقەدە مىرئادىل ياسىن، مۇتەللىپ قېيىم ئىسىملىك 2 ئۇيغۇر ياش "شىنجاڭ " ئۇنىۋېرسىتېتى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن "داگۇڭباۋ" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدىن قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يىغىندا چېخىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.