ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبىرى كادىرلىرىنى باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىن ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىمنى يوقلىغاندا، بۇ سۆزنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ " شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر" دەپ كۆرسەتكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى"گە ئائىت بىر قانۇنىي بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق سۆز - نۇتۇق تارقىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتۈش قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لېكىن، بۇ قانۇنىي بەلگىلىمە تەركىبىگە چوڭ خەنزۇچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئوخشاشلا جازاغا تارتىلىش - تارتىلماسلىقى، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ كىرگۈزۈلگەن ياكى كىرگۈزۈلمىگەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.