يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن سۆز قىلىپ " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل مائارىپى، سىياسىي ئېڭى مۇستەھكەم، كەسپى ساپاسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا مۇھتاج، ھۆكۈمەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە سىلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىڭلار ئۈچۈن كەسىپتە تەرەققى قىلىش پۇرسىتىدىن باشقا تۇرمۇش شارائىتلىرىڭلارنىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ" دېگەن.
ئۇ يەنە يىغىندا يىگىرمە نەپەر مۇنەۋۋەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ " ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ۋەزىيەتكە ۋە ۋەزىپىگە يۈزلەنمەكتە، دەۋىر بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەۋرەنمەس ئىدىيە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى كۈتىدۇ" دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويغان 2000 - يىلدىن تارتىپ بىر تەرەپتىن ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي سەۋىيە ئىمتىھانى ئارقىلىق شاللاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىگە قوبۇل قىلماقتا.ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ نازارىتى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8 - ئاينىڭ ئاخىرى شىبېي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن 171 نەپەر خىتاي ئاقسۇ تەۋەسىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.