خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، تىنچ نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ قەدەر ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى، سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن 20 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشقا ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋېرجىنىيە شتاتى، مەيىرلان شتاتى، نيۇيورك قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار قاتناشتى. نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلىنىپ، كەچ سائەت 6 گىچە داۋاملاشتى.