ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى ۋىرجىنىيە، مارىلاند قاتارلىق شتاتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ "1‏ - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار تەشكىللىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى"، "ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرغان كۈنى" دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ كۈن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا مەنىگە ئىگە.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئورگاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ كۈن "شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن يەنە بىر زۇلۇمنىڭ، قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتلىك بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت" بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى نامايىش دەل شۇ سەۋەبتىن 1‏ - ئۆكتەبىرگە توغرىلانغان.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلاپ، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" دە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنى چېقىش ھەم ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كۆچۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل ياز پەسلىدىن بۇيان ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان 2 - قېتىملىق نامايىشتۇر. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل 7‏ - ئايدا نامايىش قىلىپ، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ھەم خىتاينىڭ "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىنكى بىر يىلدا ئېلىپ بارغان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.