خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز گو جىنسەي ئىسىملىك كاتولىك ئۆلىماسىنى خېبېينىڭ چېڭدﯤ رايونىغا پوپ قىلىپ تەيىنلىگەن، شۇنداقلا شۇ رايوندىكى كاتولىك ئۆلىمالىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان .
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى گو جىنسەينىڭ 20-نويابىر كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، 18-نويابىر كۈنى ۋاتىكان بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوپ بېكىتىشتە ئالدى بىلەن ۋاتىكاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ پوپ تەيىنلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ، ۋاتىكاننىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ ، شەنبە كۈنى مۇراسىمنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن ۋاتىكان يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز خېبىي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدﯤ شەھىرىگە پوپ تەيىنلەشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋاتىكان باياناتچىسى سۆزىدە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز ئۆز ئالدىغا كاتولىك پوپىنى بېكىتىشى ھەم كاتولىك دىنىي ئۆلىمالىرىنى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا زورلىشى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك " دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.