ۋاتىكان خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

بۈگۈن ۋاتىكاننىڭ باياناتچىسى پوپ فېدېرىكو لومباردى بايانات بېرىپ، خىتاينى كاتولىك پوپلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنى ئازايتىشقا چاقىردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوپ فېدىرىكو باياناتىدا خىتايدىكى كاتولىكلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ۋاتىكاننى چۆچۈتۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.18

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ۋاتىكاننىڭ خىتاينى بۇنداق ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىشى ھەيرانلىق ياراتقان. ۋاتىكان گەرچە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ۋاتىكانغا تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.