باياناتتا مۇنداق دېيىلدى «شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە 18 -ئىيۇل كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەدە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ؛ ئەمما خىتاي تەرەپ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا چەكلىمە قويۇپ، ۋەقەنى ئۆز مۇددئاسى بويىچە تونۇشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
باياناتتا خوتەندىكى ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. باياناتنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىزچىل ھالدا زوراۋانلىق يولى بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى.
خىتاي دائىرىلىرى 18 -ئىيۇل ۋەقەسىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ تۆت كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 14 ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللىنىپ قانلىق ۋەقەنىڭ ھەجمىنى چوڭايتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ خىل قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ قوللىرىدا ئىپتىدائىي قوراللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى پۈتۈنلەي تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ۋە سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋەتەنداشلىرى قاتارىدا قارىمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۇجۇمچىلارغا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، نەق مەيداندا قىرىپ تاشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.