خوڭكوڭدا "خىتايدىكى ئۇستا ئارتىست - ۋېن جياباۋ" ناملىق كىتاب نەشردىن چىقماقچى
خوڭكوڭدا مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى" خىتايدىكى ئۇستا ئارتىست - ۋېن جياباۋ" ناملىق كىتاب نەشر قىلىنماقچى. كىتابتا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ جامائەت ئىچىدىكى تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، ۋېن جياباۋنىڭ قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرى پاش قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى يۈجىې ئىسىملىك بىر خوڭكوڭلۇق يازغۇچى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ كىتابنى نەشر قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ نەشر قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى جون ھانسمەن تۈنۈگۈن ئاپتور يۈجىې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سۆزلەشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
مەلۇم بولۇشىچە، كىتابتا، ۋېن جياباۋنىڭ سىچۈەندە ئاپەت يۈز بەرگەندە خەلقنىڭ ئالدىدا ۋەقەگە ئېچىنغان بولۇپ يىغلىغانلىقى، ئەمما، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئادۋوكاتلارنى قاتتىق جازالىغانلىقى، ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىنىڭ بىر پاكىتى سۈپىتىدە كۆزسىتىلگەن. كىتابقا، سابىق باش مىنىستىر جاۋ زېياڭنىڭ باش كاتىپى باۋ تۇڭ كىرىش سۆزى يېزىپ بەرگەن.