خەۋەردىن قارىغاندا مەزكۇر گېزىت بەزى شىركەت ۋە پاي چېكى ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ، ۋېن جياباۋنىڭ ئانىسى، ئوغلى، قىزى ۋە ئىنىسىنىڭ ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇشۇ مەزگىلدە بېيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئاساسلىق بانكا، مەرۋايىت تىجارىتى، ساياھەتچىلىك، تېلېفون شىركىتى، ئاساسى ئەسلىھەلەر تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان. ئۇلار مەبلىغىنى چەتئەلگە دەسمى سېلىش ياكى پاي چېكى ئارقىلىق كونترول قىلىش قاتارلىق مۇرەككەپ ۋاسىتىلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرغان.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ 1992-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ۋېن جياباۋ ئائىلىسى كونترول قىلىپ تۇرغان مال-مۈلۈكنى پاش قىلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋېن جياباۋنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ ئەڭ نازۇك نۇقتىسىغا تەگكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى« نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى دەرھال رەت قىلىپ، مەزكۇر گېزىتنى «جۇڭگوغا قارا سۈركەش» بىلەن تەنقىد قىلغان.