خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تەنقىدلەنگەن كىتاب خوڭكوڭدا بازارغا سېلىندى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا تەنقىدىي باھا بېرىلگەن كىتاب دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا بازارغا سېلىندى. كىتابقا "ۋېن جياباۋ: جۇڭگودىكى نادىر ئارتىس" دەپ ئىسىم قويۇلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىتابنى بېيجىڭلىق يازغۇچى يۈ جيې يازغان بولۇپ، خىتاي مەخپىي ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلدا ئۇنىڭغا ئەگەر مەزكۇر كىتاب نەشر قىلىنسا تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈ جيېنىڭ مەزكۇر كىتابىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تەنقىدلەنگەن. كىتابتا ۋېن جياباۋ خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى "ئەڭ ياخشى رول ئالغۇچى" دەپ سۈرەتلەنگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، كىتابتا مۇنداق بايانلار يېزىلغان "ۋېن جياباۋ ھوقۇق تىزگىنىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا نىشان ئۈچۈن بولدى. ئۇ بولسىمۇ، رول ئېلىش ئىدى. ئۇ، جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەبجەق ماشىنىنىڭ ھامان ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى."

كىتاب خوڭكوڭدىكى "يېڭى ئەسىر نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نەشرىيات باشلىقى باۋ پۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا رەھبەرلەرنى تەنقىدلەش بەك ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە يۈ جيې خىتايدا نام قازانغان يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابلىرى 2004 - يىلىدىن باشلاپلا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چەكلەنگەن.