فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇداپېشت شەھىرىنىڭ باشلىقى گابور دېمسىزكىي شەنبە كۈنى دالاي لاماغا مەزكۇر پەخرىي پۇقرالىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، بۇ قارار 26 - ئاۋغۇست كۈنى بۇداپېشت پارلامېنتىدا ماقۇللانغان.
دالاي لاما بۇداپېشتتا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە نۇتۇق سۆزلەشنى پىلان قىلغان بولۇپ، 20 - چېسلا ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ تىبەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋېنگرىيە پارلامېنتىدا ۋە بۇداپېشت ئوتتۇرا ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
دالاي لاما ئىلگىرى - كېيىن ياۋروپادىكى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ پەخرىي پۇقرالىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى چىققان بولسىمۇ، بىراق كۈچكە ئىگە بولالمىغان ئىدى.