ئۇيغۇر ئېلىدە 2010 - يىللىق 'ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۈرسى' باشلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.09
2010.10.09
مۇراسىمدا، ئاپتونوم رەئىسى نۇر بەكرى دىنىي زاتلاردىن "شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ چىقىرىش" نى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇنىڭ يەنىلا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئاممىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نۇر بەكرى "دىنىي زاتلارنى توپلاپ تەربىيىلەش" خىزمىتىنىڭ "شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ؛ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى باي قىلىپ؛ چېگرانى مۇستەھكەملەش" ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
نۇر بەكرى يەنە، تەربىيىلەش ئارقىلىق، دىنىي زاتلارنىڭ "مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى سىياسىي مەيداننىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنگىلى، ۋە ھالقىلىق پەيتلەردە مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن" لىكىنى بىلدۈرگەن.
نۇر بەكرى دىنىي زاتلاردىن "ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا بويسۇنۇش، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقى ئىدىيىسى" نى تەرغىب قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر دىنىي زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى "ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار" دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، دىنىي ئاممىنى كونترول قىلىپ كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، "بۇ ئاتالمىش دىنىي زاتلار بولسا، بىر تۈركۈم مائاشلىق دىندارلاردۇر. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ئازغىنا مائاش بەدىلىگە، ئۆز قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم سېلىشقا قاتناشماقتا. بۇ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' ئەمەس، خائىنلىقتۇر " دېدى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىلدىكى دىنىي زاتلارغا "ئاساسىي قاتلامدا ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان كادىرلار،" دەپ نام بەرگەن ئىدى.