خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىدى

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا يەنى 6-ئايدىن ئېتىبارەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىدى.

«خەلق» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىنى يېزىلاردا ۋە دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە «شىنجاڭ روھى» دەپ نام بېرىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا پائالىيەتنىڭ مەقسىتى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» چاقىرىقىنى باش تېما قىلغان ئاساستا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش «مۇھاكىمە ئارقىلىق، ئاممىنى ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەش» كە يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

پائالىيەت 12-ئايغىچە داۋام قىلىدىكەن.

2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، كېيىن نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان ۋە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلغانلىقى ئېگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.