خېيۋۇد ئۆتكەن يىل 15-نويابىردا چوڭچىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغان. يېقىندا، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇكەيلەي ۋىللىيامنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن «خېيۋۇد ئەنگلىيىنىڭ جاسۇسى بولۇشى مۇمكىن» دەيدىغان گۇمان پەيدا بولغان ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر تارقالغان ئىدى.
ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى بۇنىڭغا ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمەي كەلگەن. ئەمما ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلليام خاگ پارلامېنتنىڭ ئالاھىدە كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللاپ «ئەنگلىيىلىك تىجارەتچى ۋىلليام خېيۋۇد ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر ئورگان ئۈچۈن رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يوسۇندا خىزمەت قىلىپ باقمىغان» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن.
بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئائىلە مەخپىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خېيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خەلقئارا مەتبۇئاتلار ھازىر بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ تەرەققىياتىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.
