«ۋىكىلىكس» بۈگۈن گۇەنتانامو ھەققىدىكى دېلو مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى

«ۋىكىلىكس» دەپ ئاتىلىدىغان مەخپىيەتلىك ئاشكارىلاش تورى بۈگۈن، گۇەنتانامو ھەققىدىكى دېلو مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋىكىلىكس بۈگۈن ئاشكارىلىغان ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇنتانامو ھەربىي لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەخپىيەتلىكلەر 780 مەھبۇسقا چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، خەتەرلىك ئۇنسۇر دېگەن كاتېگورىيىگە ئايرىپ قويۇلغانلار 220 نەپەر. 150ئى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىگۇناھ ئافغانىستانلىق ۋە پاكىستانلىق، بۇلار ھامان قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك كىشىلەر.

ۋىكىلىكس بۈگۈن ئاشكارىلىغان مەخپىيەتلىكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئەل-قاىدىچىلەر ھازىر، ئەگەر ئوساما بىللادىن تۇتۇۋېلىنسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ياۋروپادا ساقلاۋاتقان بىر دانە يادرو بومبىسىنى پارتلىتىشقا ھامان تەييار تۇرماقتا.