ئېكۋادور ۋىكىلىكىس قۇرغۇچىسى جۇليان ئاسسانگېنى سىياسىي پاناھلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلدى

ئامېرىكىنىڭ مەخپىي دىپلوماتىيىلىك خەت-چەكلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن تونۇلغان ۋىكىلىكىس تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاسسانگې 2 ئايدىن بېرى ئېكۋادورنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئەلچىخانىسىدا ساقلىنىپ ياتقاندىن كېيىن، ئېكۋادور بۈگۈن ئاسسانگېنى سىياسىي پاناھلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلغان.

ئەنگلىيە ۋە شۋېتسىيە بۈگۈن ئېكۋادورنىڭ قارارىدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئاسسانگېنىڭ شۋېتسىيىدە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېكۋادورغا كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، ئېكۋادور مۇستەقىل دۆلەت بولغان ئېكۋادورنىڭ ئەنگلىيىدىن رۇخسەت ئالىدىغان مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى، ئەنگلىيىنىڭ ئاسسانگېنى ئېكۋادورغا يۆتكەشكە توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بولسا ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ مەخپىي خەت ئالاقىلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن جۇلىيان ئاسسانگېىنىڭ سوتلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى 250 مىڭ پارچە مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ۋىكىلىكىس تورى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەر ئىچىدە ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نۇرغۇن خەت-چەكلىرىمۇ بار ئىدى. ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار ئىچىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى، خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلار شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانى قاتارلىقلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.