ۋېن جياباۋ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى خىتاي خەلقىنىڭ 100 يىللىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، دەپ تەسۋىرلەپ، خىتاينىڭ ھەر ساھەدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى، نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك" دېگەن.
ئۇ يەنە جۇڭگو ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە يېقىندىن ئەگىشىپ دېڭ شاۋپىڭ ئىدىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىلىرىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشكە چاقىرغان. ھالبۇكى ئۇ خىتايدا دېموكراتىيىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى تىلغا ئالمىغان.
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبىرى، دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ۋاڭ دەن رادىئومىزدا خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، "دەرۋەقە خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا زور تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، ئەمما بۇ جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتمەيدۇ، خىتاي كومپارتىيىسى كۆرسىتىۋاتقان جۇڭگوچە تەرەققىيات خەلق مەنپەئەتى بىلەن دەل تەتۈر تاناسىپلىقتۇر، شەنشىدىكى قۇل ئىشچىلار ۋەقەسىدىن ئىبارەت بىرلا مىسال خىتايدىكى بۇ بىنورمال ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاجىز خەلقنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئاجايىپ زور بەدەل بېرىشى ۋە ناھەقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،" دېدى.