ۋېن جياباۋ 30 ‏ - ئۆكتەبىر قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 27 - ئۆكتەبىردىن 31 - ئۆكتەبىرگە قەدەر رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، زىيارەت مەزمۇنى ئاساسلىقى يەر شارى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ خۇي چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ساھەسىگە ۋېن جياباۋنىڭ ئالدى بىلەن رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، رۇسىيىلىكلەر بىلەن " يادرو ئېنىرگىيە، نېفىت ۋە تەبئىي گاز ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.

ۋېن جياباۋنىڭ رۇسىيە سەپىرىدىن كېيىن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، 30 ‏ - ئۆكتەبىردە ئاستانىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ليۇ خۇي، ۋېن جياباۋنىڭ قازاقلار بىلەن نېفىت ئېنىرگىيە ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، قازاقىستان - شىنجاڭ نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ 2 ‏ - لىنىيىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ليۇ خۇي شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاستانا يىغىنى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ": يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدە بىرلىكنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن."

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى "تېررورچىلار" تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، 8 نەپەر ئۇيغۇرنى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە.

ليۇ خۇي ئاستانىدىكى يىغىندا ۋېن جياباۋنىڭ "تېررورلۇق" غا مۇناسىۋەتلىك قانداق تەلەپلەردە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان قورالى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.