زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت پاراشوكى خىتايدا ھازىرغىچە 4 بوۋاقنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە ئون مىڭلىغان بالىلارنىڭ كېسەل بولۇشىغا سەۋەب بولغان. خىتايدا ياسالغان سۈت پاراشوكىدا زەھەرلىك ماددىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتايدىن سۈت پاراشوكى شۇنىڭدەك سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، "زەھەرلىك سۈت سەتچىلىكى، خىتاينىڭ تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش جەريانى ۋە سۈپىتىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى" دېگەن.
ۋېن جياباۋ سۆزىدە، بۇ مەسىلىنىڭ تېخى پۈتۈنلەي بىرتەرەپ بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.