خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈردى

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقى توشۇشقا ئاز ۋاقىتلار قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، شىخەنزە، ئۈرۈمچى ۋە سانجى قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.

ۋۇ باڭگو 16-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ۋۇ باڭگو مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ۋۇ باڭگو قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى سەپىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشكەن ھەمدە بۇ جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ»، يەنى خىتاي تىلى مائارىپىنى مەدھىيىلىگەندىن تاشقىرى خوتەن ناھىيىسىنىڭ باغچە يېزىسىدىكى بىر «قوش تىللىق يەسلىنى» زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ئورۇندىغان نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغان.

يەسلىنىڭ مۇئەللىمى بالىلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ بەك تېز بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندە، ئۇ «قوش تىللىق مائارىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزئارا زىچ ئالاقىلىشىشىدە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تېخىمۇ مۇھىم» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ، 24-ئاپرېل كۈنى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى جۇ يوڭكاڭ 5-ماي كۈنى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىق خاتىرىسى يېتىپ كېلىشى ئالدىدا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ يەنە بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇ خىل قاتتىق بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.