خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ئاستانانى زىيارەت قىلدى

22-سېنتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆپ خىل ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو يەكشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدجانوف بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

كازىنفو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ باڭگو قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى كايرات ئىمامىنىڭ تەكلىپى بويىچە قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ باڭگو قازاقىستان پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدجانوف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق سالەھەردىكى قويۇق ھەمكارلىقلىرىنىمۇ يۇقىرى باھالىغان.

ۋۇ باڭگو ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىسلام كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن ئىدى.