فىلىپپىن بولسا خىتاينى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. «خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مانېۋىرغا چارلاش پاراخوتى، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇپ، جەمئىي 14 ھەربىي كېمە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خەۋەردە مانېۋىرنىڭ قەيەردە ۋە قاچان ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇنىڭدىن سىرت «ئازادلىق ئارمىيە» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىر مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
لېكىن،فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىگنو ئاكېنو جۈمە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ فىلىپپىن ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى دېڭىزغا كىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، بىراق ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بولسا دېڭىز چارلاش قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھازىرقى 9 مىڭ كىشىلىك چارلاش ئەترىتىنى 2020-يىلدىن بۇرۇن 15 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى فىلىپپىننىڭ ئىختىلاپتىكى جەنۇبىي دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.