رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان.
ۋيېتنام نامايىشچىلىرى پاراسىل ئاراللىرىنىڭ ۋيېتنامغا تەۋە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان پاراسىل ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ۋيېتنام بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان.
بۇنىڭغا سەۋەب بولغان نۇقتا خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي پاراسىل ئاراللىرىدىكى نېفىت پاراخوتىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ئىدى. ۋيېتنام ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنى ۋيېتنامنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي بولسا، جەنۇبىي پاراسىل ئاراللىرىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى.
5-ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ۋيېتنام مۇداپىئە مىنىستىرى پۇڭ چۇاڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي پاراسىل ئاراللىرىنىڭ ۋيېتنامغا تەۋە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بىراق ئۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلېي خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋيېتنام مۇداپىئە مىنىستىرى سۆزىدە يەنە ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي جەھەتتىن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
