ۋيېتناملىقلار ياپونىيىدە نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئۆكتەملىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

شەنبە كۈنى 200 گە يېقىن ۋيېتناملىق ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئۆكتەملىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ئاساسەن ياشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار «ۋيېتناملىق بېلىقچىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»، «ۋيېتناملىقلار ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىز تىنچلىقىنى قوغدايدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىغا يىراق شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تىنچ يوسۇندا ئۆتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا يەنە بەزى نامايىشچىلار «خىتاي قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى توختات»، «خىتايلار مېنىڭمۇ مېنىڭكى؛ سېنىڭمۇ مېنىڭكى دەيدۇ» دېگەندەك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىكەن.

ئۆتكەن ئاي ۋە بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي چارلىغۇچى كېمىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت تەكشۈرۈۋاتقان ۋيېتنام كېمىسىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەندىن كىيىم ۋەقە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ۋيېتناملىقلار خانويدا نامايىش قىلىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، ۋيېتنام دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.