بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 50 تىن ئارتۇق نامايىشى شەھەر مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە توپلىنىپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان بولۇپ، ساقچىلار خانوينىڭ مەركىزىي كوچىسىنى تېزلىكتە قامال قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «بۇ نامايىشچىلار ھېچقانداق خاتا قىلمىدى، ساقچىلار ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك» دەپ جاكارلىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىيېتنامدىكى بۇ نامايىشقا زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خىتايدىن قوغدايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر دەپ ھېسابلايدىكەن. ئۇلار جەنۇبىي ۋە غەربىي پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنى ۋىيېتنامنىڭ زېمىنى، خىتاينى بولسا تاجاۋۇزچى دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ۋىيېتناملىقلارنىڭ خانويدىكى خىتايغا قارشى نامايىشى 10 ھەپتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، باشتا ساقچىلار ئۇلارغا چېقىلمىغان بولسا، بىراق يېقىندىن بۇيان ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ نامايىشلىرىنى توسۇشقا كىرىشكەن. بۇ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشنى خالىمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.