رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋيېتنام مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇ شونسوڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئائىت تالاش-تارتىشلارنى تىنچ سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق ئۇلار ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات بەرمىگەن.
جۈمە كۈنى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ خىتاينىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىڭدەك جەنۇبىي دېڭىز كرىزىسىغا ئامېرىكا تەرەپمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە كىرىشكەن ئىدى.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراسىل ۋە سپراتىل قاتارلىق بىر قىسىم تاقىم ئاراللار خىتاي بىلەن ۋيېتنام، مالايشىيا، برۇنېي، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينى ئەيىبلىمەكتە ، خىتاي بولسا بۇ ئاراللارنىڭ ئۆز خەرىتىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا ئىدى.
