ۋيېتنام كوممۇنىست ھاكىمىيىتى خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاغدۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرىدى

بۈگۈن ۋيېتنام دائىرىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى. ۋيېتنام كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بۇنداق بىر تەدبىرنى ئالغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋيېتنامدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بۇ يىل 6- ئايدىن يەنى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جار سېلىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى كېيىن باشلانغان.

ۋيېتناملىق نامايىشچىلار خىتاينىڭ ۋيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلغان دەخلى-تەرۇزىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۈزۈلدۈرمەي پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما ۋيېتنام ھۆكۈمىتى بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋيېتنامدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرھال نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى توسۇش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان.

ئۇلار چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئاغدۇرمىچىلار، بۇ ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزماقچى» دېگەن ۋە بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغانلارغا چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋيېتنام كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر پارتىيىلىك دۆلەت. بۇ دۆلەتتە ئوچۇق-ئاشكارا نامايىش قىلىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك.