ۋيېتنام خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان جايلارمۇ خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەچكە، ۋيېتنام، تەيۋەن ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە پاسپورتىدىكى خەرىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ۋيېتنام كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى ئىجرائاتى ھەققىدە توختىلىپ، ۋيېتنامغا خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتى بىلەن كەلگەنلەرگە چېگرادا ۋىزا بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم شەخسىي تور بەتلەردە يېڭى پاسپورت ھەققىدە شىكايەتلەر يېزىلغان. شىكايەتلەردە، مەزكۇر پاسپورت بىلەن يولغا چىققانلارنىڭ چېگرادا ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، بەزى دۆلەتلەرگە بارغاندا ئايرىپ ئانكىت تولدۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى تۇغدۇرۇپ ئايروپىلانغا يېتىشىشكە پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى بايان قىلىنغان.